ئۇ يىللاردا

ئۇ يىللاردا

ئۇ يىللاردا

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

كۆرۈۋاتقىنىڭلار ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونى نۇرىپاشا مەھەللىسىدىكى ھاجىخان قازاقنىڭ بىر قەۋەتلىك كونا كەپە (كېچە قوندى) ئۆيى. مەن بۇ ئۆينى 1998-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان بولۇپ، بۇ ئۈچ ئېغىزلىق ئۆينىڭ ئەڭ چوڭ ئۆيى. سۈرەتتىكى ئادەم مەن بولىمەن. ئۇ يىللاردا بۇ ئۆيدە يۈز بەرگەن بەزى ۋەقەلەر «ۋەتەنسىزلىك-قەدىرسىزلىك» دېگەن كىتابتىكى «سەندە ئۇنداق يۈرەك يوق» دېگەن قىسىمدا بايان قىلىنغان. بۇ سۈرەتنى كىتابتىكى مۇشۇ ماۋزۇغا كىرگۈزمەكچى بولۇپ، نەچچە يىل ئىزدەپمۇ تاپالمىغانىدىم، مانا ئەمدى تاپتىم.

بۇ مېنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلغىنىمنىڭ ئىككىنچى يىلى ئىدى. ئۇ يىللاردا تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن پايدىسىز ئىدى. 1998-يىلى مەسئۇت يىلماز دېگەننىڭ دەۋرىدە، ئۇنىڭ بارلىق شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتلىرىنى جەكلەيدىغان 1998/36 نومۇرلۇق قىزىل باشلىق ئالاھىدە ھۆججىتى چىقىرىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىر كۈندە قالدۇق. ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت، پۇقرالىق بېرىش توختىتىلدى، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، نامايىش، يىغىن دېگەندەك بارلىق پائالىيەتلەر چەكلەندى. ئەمما بىز ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلغانىدۇق. شۇڭا ھەرقانداق باھانە-سەۋەب بىلەن توختاپ قېلىش ياكى سۈكۈتتە تۇرۇش نىيىتىمىز يوق ئىدى، بىر چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئۇرۇنۇپ تۇراتتۇق.

بىز ۋەتەندىن يېڭى چىققان، ھەرقايسى شەھەر-ۋىلايەتتىن بولۇپ 20-15 ئەتراپىدىكى ياشلار بولۇپ، ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز ئاساسەن ياخشى ئىدى. ئەمما بىز بار ئىقتىسادىمىزنى ۋە ھەممە نەرسىمىزنى ۋەتەنگە ئاتىغاچقا، تۇرمۇشىمىز ئاددىي-ساددا ئۆتەتتى. يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكلىرىمىزمۇ شۇنداق ئىدى. نورمال ئۆي ئىجارىسى ئايلىقى ئوتتۇرىچە 30 دوللار بولسا، بۇ كەپە ئۆينىڭ ئايلىق ئىجارىسى 12 دوللار ئەتراپىدا ئىدى. شۇڭا بۇ ئۆينى ئىجارە ئالغانىدىم. چۈنكى بىز ئۇ يىللاردا ھېلى يولغا چىقىدىغاندەك، ئەتە بىر يەردىن بۇيرۇق كېلىپ قالىدىغاندەك ھالەتتە ياشايتتۇق. بۇ ئۆينىڭ كەڭلىكى ئۈچ مېتىرچە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى يەتتە مېتىر ئىدى. بەزىدە بەش-ئالتە ئادەم ياتاتتۇق. سىرتتا 30 كىۋادرات مېتىر كەلگۈدەك سەيناسى بار ئىدى.

مەن ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ھاياتىمدا بايراقسىز ياشاپ باقمىدىم. ھەرقانداق ۋاقىتتا يانچۇقۇمدا ئالىقاندەك قەغەزگە قەلەمدە سىزىۋالغان بولسىمۇ، چوقۇم شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بولاتتى. چۈنكى غېرىبسىنىپ يالغۇز ئولتۇرۇپ قالغان ۋاقتىمدا بايرىقىمىزغا قاراپ كۈچ ئالاتتىم، ئەڭ چۈشكۈنلەشكەن ۋاقتىمدىمۇ بايرىقىمىزغا قاراپ سائەتلەپ يىغلاپ ئولتۇرۇپ، ئىچىمنى بوشىتىپ ئەسلىمگە كېلەتتىم. ئۇ يىللاردا بايرىقىمىزنى ئىزدەپ تاپقىلىمۇ بولمايتتى. ساتىدىغان يەرنىڭ بار-يوقلۇقىنىمۇ بىلمەيتتۇق. شۇڭا مەن بۇ سۈرەتتىكى ئۆيۈمنىڭ تېمىدىكى بىر ۋاراق ئاددىي قەغەزگە بېسىلغان بايرىقىمىزنى بىر مىليون لىراغا (ھازىرقى 20 لىرا) ئالغانىدىم.

ئۇ يىللاردا تۈركىيەدە ھازىرقىدەك كۆپ بولمىسىمۇ، يەنىلا خېلى كۆپ ئۇيغۇرلار ياشايتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇددى ھازىرقىدەك نامايىش، يىغىن قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن كارى يوق ئىدى. خۇددى ھازىرقىدەك پۇل تاپسا، جان باقسا شۇنىڭ بىلەن ئۆتەتتى. ئۇ يىللاردا تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى گەرچە بىز ئۈچۈن پايدىسىز بولسىمۇ، بىز يەنىلا ئېپىنى تاپساق 30-20 كىشى بولسىمۇ نامايىش قىلاتتۇق. خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىلىرى بارلىقىنى، ئۇ ۋەتەننىڭ ھەرگىزمۇ ئىگىسىز ئەمەسلىكىنى، قولىمىزغا ئەڭ كىچىك پۇرسەت چىققان كۈنى قارشىسىدا بىزنى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقى-ئالەمگە جاكارلاپ ياشايتتۇق. ئەمما نامايىش قىلىش ئۈچۈن ئاشۇ 20-30 ئادەمنى تېپىشمۇ ئاسان ئەمەس ئىدى.

بىر قانچىمىز نامايىشتىن ئۈچ-تۆت سائەت بۇرۇن بىر-ئىككىدىن گۇرۇپپا بولۇپ، زەيتىنبۇرنۇنىڭ كوچىلىرىنى ئايلىنىپ نامايىشقا ئادەم توپلايتتۇق. خۇددى ھازىرقىدەك ئون ئادەم تاپساق، توققۇزى باھانە كۆرسىتەتتى. بىر قېتىم ئىككىمىز بىر ئادەمنى كۆرۈپ، ئۇنى نامايىشقا قاتنىشىشقا چاقىرماقچى بولۇپ يېنىغا ماڭدۇق. ئۇ ئادەم بىزنى كۆرۈپلا يۈگۈرگەندەك مېڭىپ كەتتى. بىز تاپ باستۇرۇپ ئارقىسىدىن يېتىشىپ كەلسەك، نۇرىپاشا مەھەللىسىنىڭ 63-كوچىسىدىن ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن كوچىسىغا چىقىدىغان ئارا يولدىكى قېرى ئافغان ياماقچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرغان ئۈچ-تۆت قېرى ئافغاننىڭ بىرىنىڭ بېشىدىكى ئافغانچە دوپپىسىنى ئېلىپلا بېشىغا كىيىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئولتۇرۇۋالغانلىقىنى ئۇنتۇمايمەن.

يەنە بىر كۈنى بىر چوكان كىرىپ كەلدى. مەن ئۇ چوكاننىڭ يولدىشى بىلەن ياخشى ئۆتەتتىم. بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئىككىمىز ئۆيۈمدىكى ئاشۇ بايرىقىمىزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئولتۇرۇپ، بىر پارچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن، ئۇ سۈرەتنى ئىككى پارچە يۇدۇرۇپ، بىر پارچىدىن ئالغانىدۇق. ئۇ چوكاننىڭ ئەلپازى يامان ئىدى. ماڭا ھومىيىپ قاراپ:

- سىلى ھەجەپ يامان ئادەمكەنلا، ئېرىمنى يولدىن چىقىرىپ، ئاۋۇ بايراقنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ سۈرەتكە تارتىۋاپلا. سىلىنىڭ بولمىغان بىلەن، بىزنىڭ شىنجاڭدا ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بار. سىلى ئۇنداق قىلسىلا، بىز ئەتە-ئۆگۈن ۋەتەنگە قانداق بارىمىز؟... سىلى ئېلىپ قالغان رەسىمنى بەرسىلە،- دېدى. مەن ئۇنىڭ يولدىشى بىلەن بىللە چۈشكەن، ئۆزۈمدىكى سۈرەتنى ئېلىپ بەردىم. دېمەك، مەن يامان ئادەم ئىكەنمەن، ئۇ چوكاننىڭ ئېرى بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ بايرىقىنىڭ يېنىدا سۈرەتكە چۈشۈپ يولدىن چىقىرىۋېتىپتىمەن. ئۇلارنىڭ ۋەتەندە ئاتا-ئانىسى بار ئىكەن...

بۇ ئائىلە ئۇزاق ئۆتمەي زەيتىنبۇرنۇدىن كۆچۈپ كەتتى. چۈنكى ئۇ يىللاردا زەيتىنبۇرنۇ بىلەن سەفاكۆي خۇددى ھازىرقىدەك ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللىغۇچى تۈركلەر نەزىرىدە «ئىستانبۇلدىكى كىچىك تۈركىستان» ئىدى. شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمەنلىرى ۋە خىتاينىڭ نەزىرىدە «ئەڭ خەتەرلىك مەخلۇقلار ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئۇۋىسى» ئىدى.

ئۇ يىللاردا ئىنتايىن سەگەك ياشايتتۇق. شۇڭا كىمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، ئىدىيەسى قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئاساسەن بىلەتتۇق. مەيدانىمىز ئېنىق، بايرىقىمىز روشەن ياشىغاچقا، ۋەزىيەتمۇ سۈزۈك سۇدەك ئىدى. 2013-يىلىدىن باشلاپ كۆپلىگەن خەلقىمىز ھىجرەت قىلىپ چىقىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيدى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىمۇ كۈچەيدى. 50-40 ئادەم ياكى 200-100 ئادەم نامايىش قىلىدىغان ئىشلار ئۆزگىرىپ، ھەتتا ئون مىڭلىغان ئادەم نامايىشقا قاتنىشىدىغان، يوللار ۋە خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدى مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان دېڭىز دولقۇنلىرىدەك لەپىلدەپ تۇرغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تولۇپ كېتىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى. پۈتۈن دۇنيا خەلقى، سىياسەتچىلەر ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈچىنى، خىتايغا قارشى غەزەپ-نەپرىتىنى مۇستەقىللىققا بولغان تەلەپ ۋە غايىسىنى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدىكى نامايىش مەيدانىدىن كۆرىدىغان، بىلىدىغان بولدى.

مىڭلىغان ئۇيغۇرلار يىغىلغان بۇ مەيدان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ چەت ئەلدىكى كۈچ كۆرسىتىش مەيدانى، ئاۋازى، ئارزۇ-ئۈمىدلىرى بولدى. ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ مەيداندىن كۈچ ئالىدىغان، ھاياجانلىنىدىغان بولدى. ھەتتا بەزى نامايىشلارغا ئاتايىتەن نۇرغۇن چىقىم تارتىپ، ئائىلىسىنى ئېلىپ، قىتئە ئاتلاپ كېلىپ قاتنىشىپ كېتىدىغانلار بولدى. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەر قېتىم نامايىش قىلىدىغان ۋاقىتتا خەلقئارادا رەزىل ئەپتى-بەشىرىسى ئاشكارا بولۇپ، ئىناۋىتى تۆكۈلۈپ، قاتتىق ئالاقزەدە بولۇپ كەتكەن خىتاي ئەلچى ۋە سىياسەتچىلىرى نامايىشلارنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن، پايپاسلاپ ئەنقەرەگە قاتنايدىغان بولدى.

تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، 2017-يىلىدىن باشلاپ ھەر خىل ئېقىم، ھەر خىل سىياسىي كۆز قاراش ۋە ھەر خىل ئىدىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ كۆپەيدى. ھاياتىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق بەزى زىيالىيلار بىردىنلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى سېپىدە پەيدا بولۇپ، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. ھاياتىدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستان دېمەيدىغان دىنىي زاتلارمۇ دەۋا سېپىدە پەيدا بولدى. ئېرى بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ بايرىقى يېنىدا ئولتۇرۇپ رەسىمگە چۈشسەك «سىلى ھەجەپ يامان ئادەمكەنلا، ئېرىمنى يولدىن چىقىرىپ، ئاۋۇ بايراقنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ رەسىمگە تارتىۋاپلا...» دېگەن ئايال ئالدىمغا كېلىپ، كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ: «نېمىشقا ئانداق قىلمايسىلەر، نېمىشقا مانداق قىلمايسىلەر، ئانداق قىلساڭلار بولمامدۇ، مانداق قىلساڭلار بولمامدۇ، سىلەر نېمىش قىلىدىغان ئادەملەر؟» دەپ سوراققا تارتىدىغان، تەنقىد قىلىدىغان، ئەقىل ئۆگىتىدىغان، يول كۆرسىتىدىغان بولدى. نامايىشقا چاقىرماقچى بولساق، قېچىپ بېرىپ ئافغانلارنىڭ دوپپىسىنى كىيىۋېلىپ، ئافغانلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئولتۇرۇۋالغان ئادەم بوينىنى غازدەك سوزۇپ، ئاۋازىنى يوغان چىقىرىپ بىزگە ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن دەرس ئۆتىدىغان، نامايىش مەيدانلىرىدا ئادەمنى مۈرىدەپ ئىتتىرىپ بىرىنچى سەپكە ئۆتۈپ تۇرىدىغان بولدى.

بۇ خىل كىشىلەردىن بەزىلىرى «نامايىش قىلىش ھارام» دېدى، «نامايىشنىڭ نېمىگە پايدىسى بار!؟» دېدى، «نېمىشقا خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىمىز، ئادەم كۆپ تاكسىمدا قىلساق بولمامدۇ!؟» دېدى، «ئاياللار نامايىش قىلسا گۇناھ» دېدى، «نامايىش بىلەن ئىش ھەل بولمايدۇ، ئۇرۇش قىلمىساق بىكار» دېدى، «جىھاد قىلمىساق بىكار» دېدى. ئەمما جاھان شۇنچە كەڭرى ئىدى. كىم نېمىش قىلىمەن دېسە، ھېچكىم توسمايتتى. بەكمۇ كۆپ پۇرسەت ئىمكان-شارائىت بار ئىدى.

شۇنچە يىللار ئۆتتى ۋە ئۆتمەكتە، ئەپسۇسكى، خىتايغا قارشى مەيدانىنى ئېنىق قىلىپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئىمانى ۋە ۋىجدانىنىڭ تۈرتكىسىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىۋاتقانلار «ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان! يوقالسۇن تاجاۋۇزچى كوممۇنىست خىتاي! ئاللاھ بۈيۈكتۇر! قانغا قان، جانغا جان، ئىنتىقام-ئىنتىقام» دەپ شوئار توۋلاپ تىك تۇرۇۋاتقانلار، خىتاينىڭ بايرىقىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق دۇنياغا پاتمايۋاتقان خىتاينىڭ ئىناۋىتى ۋە ھەيۋىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىپ بارغانلاردىن باشقىلار ئۆزىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلمىدى، گەپلىرىنى ئەمەلدە كۆرسەتمىدى. ئۇ خىل كىشىلەر تا ھازىرغىچە يا سىياسىي ۋەزىيەت، شارائىتلىرىغا قارىتا ھېچ بولمىسا ئون يىللاردىن بۇيان نامايىش قىلىش ئارقىلىق قولىدىن كېلىشىچە قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلارنى ئېتىراپ قىلمىدى، ياكى يول تېپىپ ئۆزلىرى توغرا دەپ قارىغان ئىدىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى.

مەن بۇ تېمىنى مۇشۇ بىر پارچە سۈرەتنى تاپقانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن يازدىم. مەقسىتىم: ۋاڭ يى دېگەن خىتاي 26-ئىيۇل تۈركىيەگە كېلىدىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلىرىمىزدىن «شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى» باشچىلىقىدا ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا كەڭ كۆلەمدە نامايىش قىلىش ئارقىلىق، تاجاۋۇزچى خىتايغا قارشى غەزەپ-نەپرىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. ۋاڭ يى دېگەن بۇ خىتاي ئون نەچچە يىل بۇرۇنمۇ ئەنقەرەگە كەلگەن. ئۇ ۋاقىتتا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغانلىرىمىز 200 گە يەتمەيتتۇق. شۇنداق بولسىمۇ بۇ خىتاينى قورقىتىپ، ئۇدۇل كەلگەن يولغا قېچىشقا مەجبۇرلىغانىدۇق. ئابدۇراھمان ئۆزتۈرك بۇ خىتاينىڭ ماشىنىسىغا ئايىغىنى ئېتىپ، قوغلاپ يۈرۈپ بەكمۇ بىچارە ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. بۇ خىتاي يەنە كېلىدىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بۇ نامايىشقا شۇنىڭدەك تاكى ۋەتىنىمىز تولۇق مۇستەقىل بولغۇچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بارلىق نامايىش ۋە پائالىيەتلەرگە جانلىق ۋە ئاكتىپ ھالدا داۋاملىق قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقىچە ئوي-پىكرى بار، باشقىچە يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمغا سەمىمىي دەيدىغىنىم: ئۇ يىللاردا ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن چىققانلىرىمىز شۇنچە يىللار جەريانىدا ھېچ ئىش قىلالماي، قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەي ئىسراپ بولۇپ كەتتۇق. مانا ئەمدى يېشىمىزمۇ بىر يەرگە بېرىپ، ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانىمىز قالمىدى. شۇڭا سىلەرمۇ بىزدەك ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، فېيسبۇك، تور- مۇنبەرلەردە تېما، ئىنكاس يازىدىغانلاردىن بولۇپ قالماڭلار! ھېچ ئىش قىلمىغىنى يەتمىگەندەك، قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنى، قىش-ياز دېمەي، ئىسسىق-سوغۇق دېمەي بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ نامايىش قىلىۋاتقانلارنى مەسخىرە قىلىپ، تىللاپ ئەيىبلەيدىغانلاردىن بولۇپ قالماڭلار! چۈنكى ئۇلار سىلەرنىڭ يولۇڭلارنى توسۇۋالمىدى، قولۇڭلاردىن تۇتۇۋالمىدى ياكى زىيان سالمىدى. نامايىش، يىغىن، يىغىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ پايدىسى باركى، خىتايدىن باشقا ھېچكىمگە زىيىنى يوق. دۇنيانىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن. ۋەتىنىمىز سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ. خىتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە يۈزلىگەن خىتاي ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىلىرى بار، دۇنياغا بېسىم پەيدا قىلىۋاتقان، ھەتتا تەھدىت بولۇۋاتقان يۈزلىگەن، مىڭلىغان خەلقئارالىق چوڭ شىركەتلىرى بار. ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدى، دۇئاسى ئارزۇ-ئارمانلىرى سىلەرگە كۈچ-قۇۋۋەت بەرسۇن!

 

2023-يىلى 22-ئىيۇل

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

يازغۇچى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق